ئامېرىكىدىكى تىبەتلەر 10-مارت سان-فرانسېسكو، لوس-ئانجېلىس، نيۇ-يورك، ۋاشىنگتون قاتارلىق شەھەرلەردە پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 57 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى پائالىيەت خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ۋە ئاقساراي ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.
قوللىرىدا تىبەت بايرىقى ۋە «تىبەتكە ئەركىنلىك»، «تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى توختىتىلسۇن» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، ئاقساراي ئالدىغا قەدەر باردى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
نامايىشقا ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» ناملىق خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلى، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ۋە باشقا بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى قاتناشقان.
ياڭ جيەنلى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى تىبەت ۋە خىتاي خەلقىنى ئالداپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۈگۈن بىز بۇ ئالدامچىلىقنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلايمىز» دېگەن.
ئۇ ئاقساراي ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتابەن مۇنداق دېگەن: «تىبەت بىر سىياسىي ۋە ئەخلاقىي سىناق. ئاقساراينى ئىگىلەپ تۇرغان ھەر قانداق پرېزىدېنت، ئۇ كىم بولسا بولسۇن، بۇ سىناقتىن ئۆتۈشى شەرت» دېگەن.
تىبەتلەر 1959- يىلى 10-مارت كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ تىبەتتىكى كونتروللۇقىغا قارشى تۇرغان. ئەمما قوزغىلاڭ قانلىق باستۇرۇلۇپ، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ۋە تىبەت ھۆكۈمىتى ھىندىستانغا قاچقان ئىدى.
دالاي لاما جۈمە كۈنى شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
