خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تىبەت سەرگەردان پارلامېنتىنىڭ سايلىمىغا قولايلىق يارىتىپ بەرمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى
2016.03.18
خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ سايلىمى ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تىبەت مەركىزى مەمۇرىيىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ دەسلەپكى تاللاش سايلىمى 2015-يىلى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
رەسمىي سايلام 20- مارت ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت مۇساپىرلار رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. سايلامدا مۇساپىر تىبەتلەر بىلەت تاشلاپ، ئۆزىنىڭ سەرگەردان تىبەت مەركىزى مەمۇرىيىتى رەھبەرلىرىنى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىدۇ.
لېكىن، جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ ھىندىستاننى ئاگاھلاندۇرۇپ، «خىتاي تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنى ھېچقاچان ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان. بىز دۇنيادىكى ھەر قانداق دۆلەتنىڭ بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى، بۆلگۈنچى تىبەت مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ، مەيدان ھازىرلاپ بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 15 يىلدا دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن 10 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان، ئەمما سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىغان ئىدى.
تىبەت سەرگەردان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى كېلساڭ گيالتسېن سايلام ھەققىدە توختىلىپ، «سايلامغا چۈشىدىغان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بېلەتنى ئۆزىگە تارتىشى دېموكراتىك قائىدە. بۇ بىر جەمئىيەتنىڭ ساغلام يۆلىنىشكە قاراپ مېڭىشىنى ئالغا سۈرىدۇ» دېگەن.









