يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى تەشكىللەندى

«ۋاكالەتسىز دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى 27-ماي كۈنى تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لامانىڭ رىياسەتچىلىكىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدا لوبساڭ سانگاي قەسەم بېرىپ يەنە بىر قېتىم تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولدى.

مۇراسىمدا لوبساڭ سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ بەش يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەزگىلىدە پۈتۈن زېھنىنى تىبەتنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيىسى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەگەر بۇ مەزگىلدە كۆزلەنگەن نىشانغا يېتەلمىسە كېيىنكى ئەللىك يىللىق پىلان ئۈچۈن ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «مەن ئىتتىپاقلىق مەۋقەسىدە چىڭ تۇرغان ھالدا تىبەت رايونىدا يالقۇنجاۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بىرنەچچە ئاي بۇرۇنلا بايانات ئېلان قىلىپ مەزكۇر سەرگەردان ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.