تەيۋەندىكى مەركىزى ئاگېبتلىقنىڭ «تىبەت ئاۋازىى»دىن نەقىل ئېلىپ 8- ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى سىچۈەننىڭ گەنزى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستى سېرتار ناھىيىسىدىكى لاروڭ ۋۇمىن بۇددا دىنى ئىنستىتۇتىنى رەتلەش نامىدا، مەزكۇر مەكتەپتە بۇددا دىنى تەلىمى ئېلىۋاتقان تىبەت راھىپلىرىدىن 2200 نەپەر كۇرسانتنىڭ بۇ يىل 11-ئايدىن ئىلگىرى مەكتەپتىن ئايرىلىشىنى ئۇقتۇرغان.
تىبەت ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاچقان 6- نۆۋەتلىك تىبەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە 2-قېتىملىق خىتاي مەملىكەتلىك دىنىي ئىشلار يىغىنىنىڭ مەزمۇنلىرىغا ئاساسەن، بۇ يىل 9- ئايدىن ئىلگىرى سىچۈەن گەنزىنىڭ سېرتار ناھىيىسىدىكى لاروڭ ۋۇمىن بۇددا دىنىي مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار سانىنى 5000 نەپەر ئىچىدە كونترول قىلىش قارارى ئېلىنغان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر بۇ قارار ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە، مەزكۇر تىبەت بۇددا دىنى مەكتىپىدە تەلىم ئېلىۋاتقان تىبەت راھىپلىرىدىن تەخمىنەن 63% كىشى بۇ يىل ئاخىرىغىچە مەكتەپتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدىكەن.
مەزكۇر ئىنستىتۇت 1980-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 1993-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇددا ئىنستىتۇتى دەپ قارالغان. ئوقۇۋاتقان راھىپلار سانىنىڭ 10 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنغان ئىدى.
