ئامېرىكادا بىر ئوقۇغۇچى تىك توك نى ئەيىبلەپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا بىر ئوقۇغۇچى خىتاينىڭ ۋىدىيو ھەمبەھىرلەش يۇمتالى-تىكتوكنى (Tik Tok) ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنسىز توپلاش ۋە خىتايغا يوللاش بىلەن ئەيىبلەپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەرز ئامېرىكادا تىكتوك توغرىسىدىكى قانۇنىي ئىختىلاپنى كۈچەيتىشى مۇمكىن ئىكەن. تىكتوك خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى «زىجيې تياۋدوڭ تېخنولوگىيە شىركىتى» نىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، بۇ شىركەت ئاللىقاچان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تىكتوكنىڭ ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاش، سەزگۈر سىياسىي مەزمۇنلارنى چەكلىشىگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلىغان. «زىجيې تياۋدوڭ شىركىتى» يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا دىگىتال نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى تەقىبلىشىگە ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كالىفورنىيە رايونلۇق فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان ئەرزدە، تىكتوك «ئابونتلارنىڭ زور مىقداردىكى شەخسىي ئۇچۇرىنى ئوغرىلىقچە توپلاپ، خىتايدىكى مۇلازىمەت تورلىرىغا يوللاش» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

بۇ ئەرزنى مىستى خوڭ ئىسىملىك بىر قىز ئوقۇغۇچى سۇنغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ 2019-يىلى تىكتوك يۇمتالىنى يۈكلىگەنلىكى، لېكىن رەسمىي ئابونت بولمىغانلىقى، بىراق ئۇنىڭ خەۋىرىسىز تىكتوكنىڭ ئۇنىڭغا ھېساب ئېچىپ، ئۇنىڭ ئېلان قىلمىغان شەخسىي ئۇچۇر ۋە ۋىدېيولىرىنى تارقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەرزدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، تىكتوك قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى خىتايدىكى «Bugly.qq.com» ۋە «umeng.com» ناملىق ئىككى تورغا يوللاپ بەرگەن. «بۇگلي» بىلەن «ئۇمەڭ» خىتاينىڭ «تېڭشۈن» ۋە «ئالىبابا» شىركەتلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتاقلىق ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمتالى ئۈندىدارمۇ خىتايغا قارايدۇ. ئۈندىدار يۇمتال خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغانىدى.