«تىك-توك» ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تەنقىدىي پىكىرلەرنى چەكلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى تارقىتىپ كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-09-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە ئىستراتېتىگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ 14-سېنتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمتالى «تىك-توك» نىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىغا دائىر ئۇچۇرلارنى تازىلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى ئىجابىي خەۋەرلىرىنى تارقىتىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكلاتتە تەكىتلىنىشىچە، «تىك-توك» ئۇيغۇر دىيارىغا دائىر ئۇچۇرلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى تەنقىدلەرنى تازىلاش بىلەن بىرگە ئابۇنتلىرىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھايات ئىجابىي سۈرەتلەڭەن «سىياسىي جەھەتتە مۇۋاپىق» مەزمۇنلارنى سۇنۇپ كەلگەن.

دوكلاتتا «تىك-توك» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئابۇنتلىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قانداق تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن. دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، «تىك-توك» نىڭ «شىنجاڭ خەشتېگ» نامىدىكى ئالدىنقى 20 ۋىدېيوسىنىڭ پەقەت بىرىدە خىتاي كومپارتىيەسى تەنقىد قىلىنغان ئىكەن. دوكلاتتا ئۇيغۇر كرىزىسى فېيسبۇك، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا كەڭ مۇنازىرە قىلىنسىمۇ، لېكىن «تىك-توك» تىكى ئۇچۇرلارنىڭ بۇ خىل مۇنازىرىلەردىن خالىي ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچىلار «تىك-توك» نىڭ «شىنجاڭ ھەشتېگ» ئىدىكى 444 ۋىدېيونى ئانالىز قىلىپ، بۇ ۋىدېيولارنىڭ پەقەت 5. 6 پىرسەنتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى تەنقىد قىلىنغانلىقىنى بايقىغان. دوكلاتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى 100 ۋىدېيونىڭ يېرىمىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى تەشۋىقاتى ئىگىلەيدىغانلىقى، بۇ ۋىدېيولاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك جاي دەپ سۈرەتلەڭەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت