«تىك-توك» فېرۇزە ئەزىزنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ۋېدىيوسىنى چەكلىگەنلىكىدىن كەچۈرۈم سورىغان

ئىجتىمائىي تاراتقۇ يۇمتالى «تىك-توك» فېرۇزە ئەزىزىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىدلەپ ئېلان قىلغان ۋېدىيوسىنى چەكلىگەنلىكىدىن كەچۈرۈم سورىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «تىك-توك» فېرۇزە ئەزىزنىڭ ۋېدىيوسنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىنى «شەخسى سەۋەنلىك» كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، نۆۋەتتە ۋېدىيونىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكانىڭ يېڭى جېرسېي شتاتىدىكى 17 ياشلىق مۇسۇلمان قىز فېروزە ئەزىز ئۆزىنىڭ تىك-توك ھېساباتىدا كىرپىك قايرىش تاكتىكىسىنى ئۆگىتىشنى ۋاسىتە قىلىپ، 40 سېكۇنتلۇق بىر ۋېدىيو تارقاتقان. فېرۇزە ئەزىز ۋېدىيودا قىز-ئاياللارغا كىرپىك قايرىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئارقىدىنلا «ھازىر خىتايدا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىڭلار،» دېگەن. ئۇ ۋېدىيوسىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولىغانلىقى، لاگېرلاردا قىز-ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، تۇتقۇنلارغا مەجبۇرىي چوشقا گۆشى يېگۈزۈش، ھاراق ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى قاتارلىق ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ ۋېدىيوسى تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغاپ، كۆرۈش قېتىم سانى بىر مىليون 600 مىڭغا يەتكەن. لېكىن «تىك-توك» بۇ ۋېدىيونى دەرھال چەكلىگەن ئىدى. بۇ ۋەقە «تىك-توك» ئابۇنتلىرىنىڭ شەخسى ئۇچۇرى مەسىلىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن.

يېقىندا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارمىقىدىكى بىر كومىتېت «تىك-توك» توغرىسىدا گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، «توك-توك» نىڭ ئامېرىكادىكى ئىشخانىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ئەرىك خەن «ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەنلىك ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «23‏-نويابىردىكى ۋېدىيو شەخسى خاتالىق سەۋەبىدىن ئېلىپ تاشلاندى. لېكىن شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش مۇھىمكى، شىركىتىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدە بۇنىڭدەك ۋېدىيولارنى چەكلەش دەيدىغان بىر قائىدە يوق. بۇ ۋېدىيو ئېلىپ تاشلانماسلىقى كېرەك ئىدى،» دېگەن.