مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكانى تىك-توك پەيدا قىلغان «چۆچۈتەرلىك تەھدىت» ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
2024.04.15
ئامېرىكانىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى مايكېل سوبولىك (Micheal Sobolik) 14-ئاپرېل ئامېرىكانى خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى تىك-توك ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى پەيدا قىلىۋاتقان «چۆچۈتەرلىك تەھدىت» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، تىك-توكنى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مايكېل سوبولىكنىڭ 14-ئاپرېل ئامېرىكادىكى «فوكۇس رەقەملىك خەۋەرلەر» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، «ھازىر خىتاينىڭ ئامېرىكا جامائەت پىكرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك» ئىكەن. مايكېل سوبولىكنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېقىندا مۇتلەق كۆپ ئاۋازدا تىك-توكنى سېتىشقا مەجبۇرلاش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ئېنىقسىز ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتىدە ئېيتىلغان.
مايكېل سوبولىكنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ تىك-توك ئارقىلىق ئامېرىكا جامائەت پىكرىنىڭ ئىچىگە «سۇقۇنۇپ كىرىشى» ئامېرىكا دېموكراتىيەسىگە تەھدىت پەيدە قىلماقتىكەن. ئۇ، تىك-توكنى دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتە «بىز بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى بولماقتا» دەپ كۆرسەتكەن.
مايكېل سوبولىك مۇنداق دېگەن: «تىك-توك نوقۇل تېخنولوگىيە جەھەتتىكى ئەندىشىلا ئەمەس، ئىجتىمائىي ئاخبارات مەسىلىسىمۇ ئەمەس. تىك-توك خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئامېرىكاغا قارشى ئەڭ چوڭ غەيرىي سىممېتىرىك ئەۋزەللىكىدۇر. »
سوبولىكنىڭ قەيت قىلىشىچە، تىك-توك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا دېموكراتىيەسىگە قارىتا پەيدا قىلىۋاتقان ئەڭ جىددىي تەھدىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
باش ئىشتابى سىنگاپورغا جايلاشقان تىك-توك ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى، خىتاينىڭ بېيجىڭنى بازا قىلغان «زىجيې تياۋدوڭ» يەنى «بايتى دەنس» ناملىق تېخنىكا شىركىتىگە قاراشلىق بولسىمۇ، مەزكۇر ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى رەت قىلىپ كەلگەن. يېڭى نەشر قىلىنغان «خىتاينىڭ چوڭ ئويۇنىغا قارشى كۈرەش: ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمرانلىق ئىستراتېگىيەسى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مايكېل سوبولىكنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ يېرىمى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى بۇ ئەپنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا جامائەت پىكرىنى كونترول قىلالايدىكەن ھەم ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارالايدىكەن.