تىك-توك ((TikTok) نىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سېناتور ماركو روبىيو 11-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنياۋى تەھدىتلەرنى باھالاش ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى» دا ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفېر ۋراي (Christopher Wray) دىن تىك-توكنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە سېلىۋاتقان تەھدىتى ھەققىدە سوئال سورىغان. ماركو روبىيو، بايتدەنس (ByteDance) كونتروللۇقىدىكى تىك-توكنىڭ ئالگورىزىملىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكالىقلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنى خىتايغا تەمىنلەيدىغانلىقى ۋە يەنە ئامېرىكانىڭ سايلام ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغانلىقىنىڭ راست-يالغانلىقىنى سورىغاندا، كرىستوفېر ۋراي تىك-توكنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئامېرىكاغا سىڭىپ كىرىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇنى تەكشۈرۈپ بايقاشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت دەپ قاراشقا بولىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماركو روبىيو 11-مارت كۈنى X دە يوللىغان ۋىدېيوسىدا، كرىستوفېر ۋراينىڭ تىك-توكنىڭ خوجايىنى بولغان بايتدەنسنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى 5-مارت كۈنى «ئامېرىكالىقلارنى تاشقىي كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى تور مۇلازىمىتىدىن قوغداش قانۇن لايىھىسى» نى تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسىگە كۆرە، بايتدەنس شىركىتى تىك-توكنى ئامېرىكاغا سېتىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. 6-مارت كۈنى بۇ قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالىگېر (Mike Gallagher) بايتدەنس شىركىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تىك-توك ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ بارلىق شىركەتلەرنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
بۇ قانۇن لايىھەسى 12-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ۋە ئاۋازغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ماقۇللىنىپ قالسا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۇنىڭغا قول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
