تىك-توك ئەپ دېتالىنىڭ خىتايدىكى باش شىركىتى بولغان بايتدەنس (ByteDance) ئامېرىكا فوربىس ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرلىرىنى تەقىبلىگەن.
«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بايتدەنس شىركىتى «فوربىس» ژۇرنىلىنىڭ بىر قانچە مۇخبىرىنى تەقىب قىلىپ، ئۇلارنىڭ IP ئادرېسى ۋە ئابونت مەلۇماتلىرىغا رۇخسەتسىز ئېرىشكەن ھەم ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى ئېنىقلىغان. ئىلگىرى «بازفىد» ژۇرنىلىدىمۇ ئىشلىگەن بۇ 3 مۇخبىر ئىلگىرى تىك توك ئەپ دېتالىنىڭ باش شىركىتى بايتدەنسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلايدىغان خەۋەرلەرنى ئىشلىگەن بولۇپ، بايتدەنس ئۇلارنى تەقىبلەش ئارقىلىق بۇ مۇخبىرلارنىڭ شىركەت ئىچىدىكى ئالاقە مەنبەلىرىنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇنغان.
«فوربېس» ژۇرنىلى ئۆتكەن يىل ئۆكتەبىردە، بايتدەسنىڭ ئامېرىكالىق ئابونتلارنى تەقىبلەش ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان ئىكەن. ئەينى چاغدا بايتدەنس ۋە تىك-توك شىركەتلىرى باياناتىدا «شىركەت ئەزەلدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قانداق ئەزاسى، پائالىيەتچىلەر ۋە جامائەت ئەربابلىرىنى تەقىبلىمىگەن» دېگەن. ھالبۇكى، «فوربېس» نىڭ بايتدەنس شىركىتىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزئارا يېزىشقان خەتلىرىدىن بايقىشىچە، بايتدەنس ئەمەلىيەتتە كۆپ قېتىم ئامېرىكالىق ئابونتلارنى تەقىبلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەن ئىكەن.
بۇ، تىك-توك شىركىتى ئەمەلدارىنىڭ «خىتايدىكى باش شىركەت ئامېرىكالىق ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشەلمەيدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرات دىرېكتورلىرى يۇقىرىدىكى ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇ ئەركىن ئاخبارات ئىدىيەسى ۋە ئۇنىڭ دېموكراتىيەدىكى ھالقىلىق رولىغا قىلىنغان بىۋاسىتە ھۇجۇم» دېگەن. ئۇ يەنە سۆزىدە بايتدەنس شىركىتىنىڭ بۇنىڭغا بىر جاۋاب بېرىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ «بۇ ئۇلارنىڭ تىك-توك ئابونتلىرىدىن توپلىغان ئۇچۇرلار بىلەن نېمە قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا نېگىزلىك سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەر تىك-توكنىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ خۇسۇسىي بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى. 13-مارت كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تىك-توكنى بايتدەنس شىركىتىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا مەجبۇرلايدىغان، ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە ئۇنى پۈتۈنلەي چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.
