ئامىنە غاپپارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدىكى قەلەمكەش خانىم-قىزلار گۇرۇپپىسى بىلەن مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپى بىرلىكتە پېشقەدەم تىلشۇناس ئامىنە غاپپار خانىمنىڭ بۇ يىل 83 ياشقا تولغانلىقى، ئۇيغۇر تىلى ساھەسىدىكى كەسپىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، تىل-يېزىق، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلىرىدىكى پېشقەدەم زىيالىيلار، رەھبىرىي كادىرلار، كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان.

ئامىنە غاپپار خانىم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت-شېۋىلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇزىنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەمدە تىل-يېزىق ساھەسىدە كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە ئۆزىنىڭ 60 يىللىق زېھنىنى سەرپ قىلغان تۆھپىكار تىلشۇناسلارنىڭ بىرىدۇر.

ئامىنە غاپپار خانىم 1933-يىلى ئۈرۈمچىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى ساھەسىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى 1950-يىللاردا باشلانغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى ساھەسىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتلىرى بىلەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى ھەققىدە»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى» قاتارلىقلار مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئامىنە غاپپار خانىم 1988-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋەزىپىسىدە بولغان.