نۆۋەتتە «تېسلا» شىركىتى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىدىن «بىۋايدى» (BYD)، «نيو» (Nio) قاتارلىقلارنىڭ توك ئاپتوموبىللىرى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بولۇپ، مەھسۇلات ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ھەمدە باھاسى چۈشۈپ كېتىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن.
بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، خىتاينىڭ توك ئاپتوموبىللىرى سان جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسىمۇ، سۈپەت جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلالمىغان. خىتاينىڭ توك ئاپتوموبىللىرى سانائىتى گەرچە كرىمىنيلىق باتارېيە ۋە ماتېرىيال جەھەتتە تولۇق مەنبەگە ئىگە بولسىمۇ، ھالقىلىق تېخنىكا بولغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەك (chip) تېخنىكىسىدا چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ ئۆزەك تېخنىكىسى ۋە ئۆزەك ياساش سانائىتىدە خىتايغا قويغان چەكلىمىسى بۇنىڭدا چوڭ رول ئوينىماقتا ئىكەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 7-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي بەزى كەسىپلەرنى، بولۇپمۇ ماشىنىسازلىق ساھەسىنى قايتا تەڭشىمىسە ماشىنىلارنىڭ ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىكەن. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ بۇ ساھەگە قويغان چەكلىمىسى، جۈملىدىن ئۆزەك تېخنىكىسىنى خىتايدىن چەكلەش جازاسى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويغان، ھەتتا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىشىنىمۇ ئاقسىتىپ قويغان.
2024-يىلى بىرىنچى پەسىلدە خىتاينىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورتى 34 پىرسەنت ئاشقان بولسىمۇ، ياۋروپانىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان توكلۇق ئاپتوموبىللىرى 19 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. مانا بۇلار خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئاپتوموبىللارغا قويغان چەكلىمىسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۆزەك تېخنىكىسىدا خىتايغا يول قويمىغانلىقى ۋە تاموژنا بېجىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
