ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇزى (Tom Suozzi) 15-يانۋار كۈنى X ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندنى 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرغان. ئۇ «خەلقئارا دەرھال دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي مەسىلە» نامىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن:
«خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر تايلاندنى شۇ جايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئەگەر تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە، ئۇ بىگۇناھ كىشىلەر ئېغىر قىيىن-قىستاققا، مىللىي قىرغىنچىلىققا ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدا ئۆلۈشكە دۇچ كېلىدۇ. بىز تايلاندنىڭ ئۆزلىرى ئىمزالىغان ‹تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› دا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەزكۇر ئەھدىنامىدە كىشىلەرنى ئۇلار قىيىن-قىستاققا دۇچ كېلىدىغان دۆلەتلەرگە قايتۇرۇش چەكلەنگەن. مەن تايلاند ھۆكۈمىتىنى مۇساپىرلارنى بۇنداق ۋىجدانسىزلارچە قوغلاپ چىقىرىدىغان قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا ھەمدە بۇ مۇساپىرلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە چاقىرىمەن».
تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپنىڭ بەك ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرگە ئۆزلىرىنى بۇ پاجىئەدىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغانىدى. ئامېرىكا ۋە ب د ت بۇنىڭغا تېز جاۋاب قايتۇرۇپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرغانىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) 15-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپىگە تەيىنلەش گۇۋاھلىق يىغىنىدا، تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ: «بىز تايلاند ھۆكۈمىتىگە بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتمەسلىك ھەققىدە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىمىز» دېگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ۋە ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى كرىستوفېر سىمىت (Chris Smith) مۇ 13-يانۋار تايلاندنى 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرىپ بايانات ئېلان قىلغانىدى.