ئۆزبېكلەر تۆمۈر لەڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتى باشلىدى
2016.04.03
ئۆزبېكىستاندا ئەمىر تېمۇر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 680 يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرىلىنىشكە باشلىدى، خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالدى بىلەن سەمەرقەند شەھىرىدە ئۇنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن باشلاندى.
ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەر ئەمىر تېمۇرنى ماۋارائۇننەھر زېمىنىدە قۇدرەتلىك مەركەزلەشتۈرۈلگەن دۆلەت قۇرۇپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە بىناكارلىقنىڭ تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
ئەمىر تېمۇرنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بىر ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت يەنە ئەمىر تېمۇر ئۆسۈپ يېتىلگەن شەھىرىسەبىز ۋە باشقا شەھەرلەدە داۋاملاشتۇرۇلۇپ، 9 - ئاپرىل كۈنى تاشكەنت شەھىرىدىكى ئەمىر تېمۇر ھەيكىلى جايلاشقان مەيداندا مۇراسىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرىلىدىكەن.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەمىر تېمۇرنى ئۆزبېكلەرنىڭ پەخرى ۋە دۆلەت قۇرغۇچىسى سۈپىتىدە تىكلىگەن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەيكەل ۋە خاتىرە سارىيى قۇرغان ئىدى.
ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە رۇسىيە تارىخشۇناسلىرى ئارىسىدا ئەمىر تېمۇرنى ۋەھشىي باسقۇنچى سۈپىتىدە قاراش خاھىشلىرىمۇ مەۋجۇت ئىدى.
تارىختىكى ئەمىر تېمۇر، يەنە ئاقساق تۆمۈر ياكى تۆمۈر لەڭ دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چاغاتاي خانلىقى قولىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىپ، ماۋاھارائۇننەھىرنى مەركەز قىلىپ، پۈتۈن مەركىزى ئاسىيا، كىچىك ئاسىيا ۋە رۇسىيە تۇپراقلىرىغىچە بولغان كەڭ رايونلاردا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقان. ئەمما ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن تېمۇرىلەر ئىمپېرىيەسى پارچىلانغان ئىدى.
ئەمىر تېمۇر 1336 - يىلى تۇغۇلۇپ، 1405 - يىلى ۋاپات بولغان.
1419 - 1425 - يىللىرى ئارىسىدا شەرىفىدىن يەزدى يازغان ئەمىر تېمۇر ھاياتىغا ئائىت ئەسەر «زەپەرنامە»ئۇيغۇرلار ئارىسىغىمۇ تارقالغان بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسىمۇ نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان ئىدى.









