خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى ماقۇللىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-11-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۈگۈن، يەنى 7-نويابىر كۈنى «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى رەسمىي ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ قانۇن كېلەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

«تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» دا مۇنداق دېيىلگەن: «توردا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا زەرەر يەتكۈزىدىغان، ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلىدىغان ياكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق مەزمۇن قاتتىق چەكلىنىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي تور قوللانغۇچىلارنىڭ سانى بويىچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، ھازىر خىتايدا تەخمىنەن 710 مىليون كىشى توردىن پايدىلىنىدىكەن.

خىتاينىڭ «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى ماقۇللىشى خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قاتتىق تەشۋىشكە سالغان بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر قانۇن ئەمەلىيەتتە دائىرىلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ، دەپ قارىماقتىكەن. چەتئەل شىركەتلىرىمۇ خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنى «خەلقئارا سودا ۋە تىجارىي يېڭىلىقلارغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ» دەپ ئەندىشىلەنمەكتىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى پاترىك پۇن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ماقۇللىغان تور بىخەتەرلىكى قانۇنى دائىرىلەرنىڭ ئىنتېرنېتتىكى قامالىنى يەنىمۇ چىڭىتىۋېتىدۇ. ئۇ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تورىغا بولغان چەكلىمىسىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر ئىپادىسى، خالاس.»

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلارمۇ خىتاي ماقۇللىغان «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور قوللانغۇچىلارغا تېخىمۇ زور خىرىس ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

تولۇق بەت