كروستوفېر رەي: «خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ‹بۇزغۇنچىلىق› قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.01.31

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)نىڭ باشلىقى كرىستوفىر رەي (Christopher Wray) خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە «بۇزغۇنچىلىق» قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن.

CNN نىڭ 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كرىستوفىر رەي بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكاغا ‹بۇزغۇنچىلىق قىلىش› ۋە ‹دۇنياغا زىيان يەتكۈزۈش› بىلەن مەشغۇل بولماقتا. خىتاي خاككېرلىرى يەنە ئامېرىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىغا زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.»

CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن بايدېن-شى ئۇچرىشىشىدا، خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېنغا خىتاينىڭ 2024-يىلدىكى ئامېرىكا سايلىمىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى توغرىلىق كاپالەت بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ كاپالەتنى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا بايدېننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسىگە قايتا-قايتا تەكىتلىگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتىكەن.

بۇ ھەقتە FBI نىڭ باشلىقى كرىستوفىر رەي مۇنداق دېگەن: «خىتاي بۇ بىر نەچچە يىلدا نۇرغۇن ئىشلارغا ۋەدە بەردى، ئەمما مەن بۇلارنىڭ ئەمەلىلەشكەنلىكىنى كۆرسەم، ئاندىن ئىشىنىمەن.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خاككېرلىق ھۇجۇمى قوزغاپ، پورت ۋە قاتناش تورى قاتارلىق سەزگۈر ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

كرىستوفىر رەي سۆزنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق سۈنئىي ئەقىل ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ قارا قۇلىنى ئامېرىكاغا قەدەر ئۇزاتقانلىقى، ئامېرىكالىقلارنىڭ نېگىزلىك ئەركىنلىكىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە ئامېرىكالىقلارغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان، شۇنداقلا خىتاينى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.