«ئاسمان خەۋەرلىرى» (Sky News) نىڭ 7-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ ھۇجۇم ئەنگىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىملىرى ۋە بىر قىسىم پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، مائاشى ۋە بانكا ئۇچۇرلىرىنى نىشان قىلغان.
خىتاي تەرەپ ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچى ئالغان كىشىلەرگە ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم خاككېرلىق ھۇجۇمى قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، سابىق ئەسكەر توبىياس ئېلۋۇد مۇنداق دېگەن: «خىتاي بەلكىم نەق پۇل بەدىلىگە ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىملىرىنى خىتايغا ئىشلەشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن».
BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گرانت شاپپس بۈگۈن ئاۋام پالاتاسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىزمەتچىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن «كۆپ نۇقتىلىق پىلان» ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
خىتاي خاككېرلىرىلىرىنىڭ ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قىلغان بۇ قېتىملىق تور ھۇجۇمى ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ئەنگىلىيىگە ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق تور ھۇجۇمى ئاشكارىلىنىپ ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن.
ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، خىتاي تەرىپىدىن ئېمبارگو قۇيۇلغان سابىق ئەسكەر دانكان سىمىس مۇنداق دېگەن: «بۇ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئەنگلىيەگە سىستېمىلىق تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا يېتەرلىك دەلىلدۇر.»
