خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى «چەمبىرەك» كونترول قىلىشنى يەنە كۈچەيتتى

خىتاي دۆلەتلىك تور ئۇچۇر ئىشخانىسى 7‏-سېنتەبىر يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى»، بلوگ ۋە توپلىرىدىكى ئۇچۇر، مۇنازىرىلەرنى كونترول قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، بۇ بەلگىلىمە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ يىل 11‏-ئايدا چاقىرىلىدىغان 19-قۇرۇلتىيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى «دوستلار چەمبىرىكى» ۋە «ئىجتىمائىي توپلار» دىكى نازۇك تېمىلارغا ئائىت ئۇچۇر، مۇنازىرىلەرنى كونترول قىلىشكەن.

بەلگىلىمىدە، تور مۇلازىمىتى قىلىدىغان شىركەتلەر خېرىدارلىرىنىڭ ھەقىقىي كىملىكى بىلەن تورغا كىرىشىنى نازارەت قىلىش، بلوگ، «دوستلار چەمبىرىكى»، «ئىجتىمائىي توپ» تىكى دوستلارنىڭ ئۆز ئارا يوللىغان ئۇچۇر ۋە كۈندىلىك ئالاقە خاتىرىسىنى ئاز دېگەندە 6 ئاي ساقلىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئۇنىڭدا يەنە، تور مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ كرېدىت سىستېمىسىنى يولغا قويۇپ، تور قوللانغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ كرېدىت كارتا نومۇرىغا قاراپ مۇلازىمەت قىلىش، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان توپلارنىڭ نومۇرىنى تارتىش، كرېدىت نومۇرى تۆۋەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى توختىتىش ۋە ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي دۆلەتلىك تور ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمە بۇ يىل 8‏-ئۆكتەبىردىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىكەن.

لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر رايونىدا خېلى بۇرۇن ئىجرا قىلىنىپ، ئۈندىدار، QQ، تيېبا، ئالىپاي قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلەر قاتتىق كونترول قىلىنغان. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۈندىدار، QQ قاتارلىقلارغا ئۇچۇر يوللاپ ياكى ئۇچۇر تاپشۇرۇۋېلىپ قولغا ئېلىنىپ كەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان بەزى تەدبىرلەر بۇ قېتىم خىتاينىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىغا كېڭەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېڭى بەلگىلىمىدە يەنە، دوستلار چەمبىرىكى، ئىجتىمائىي توپلارنى كىم قۇرغان بولسا، باشقۇرۇشقا شۇنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ،«توپنىڭ ئىگىسى كىم بولسا ياكى توپنى كىم باشقۇرسا شۇ مەسئۇل بولۇشى كېرەك» دېيىلگەن.