ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تور قانۇنىغا «خىلاپلىق قىلغان» 14 دېلو بىر تەرەپ قىلىنغان

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تور ئۇچۇر قانۇنىغا «خىلاپلىق قىلغان» 14 دېلونى بىر تەرەپ قىلغان.

بۇ 14 دېلونىڭ ئىككىسى توردا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ قامال قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك جازالانغان. بۇ مەزكۇر رايوندا تور ئۇچۇر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان 27-تۈركۈمدىكى 14 دېلودۇر. بۇ 14 دېلو بۇ يىل 3-ئاينىڭ بەشىدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان 2 يېرىم ئاي جەريانىدا ئاقسۇ، سانجى، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا سادىر بولغان ئىكەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 14-ئىيۇن ئاشكارىلىشىچە، دېلو سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بىرى قەشقەر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بىر خىتاي پۇقراسى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە توپىدا «ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى دۇكاندارلار دۇكان ئاچالمايدۇ، ئاقتۇ ناھىيىسى قامال قىلىنىدىغان بولدى» دەپ ئۇچۇر تارقاتقان. يەنە بىرى سانجىدا تۇرۇشلۇق خىتاي بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنى «قۇمۇلدا بىر نەپەر كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقالدى» دەپ ئۇچۇر تارقاتقان ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونىدىكى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇم ئەھۋالىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىنى قاتتىق چەكلىگەن ئىدى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىم جازالانغان قالغان دېلولار توردا قويمىچىلىق قىلىش، قىمار ئويناش، سېرىق رەسىم چاپلاش قاتارلىق قىلمىشلارغا ئالاقىدار ئىكەن. خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىگە مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكى، لېكىن قۇمۇلدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارىنىڭ بايقالغانلىقى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ قامال قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان خىتايلارغا تەنقىدلەش تەربىيەسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما كونكرېت قانداق تەنقىدلەش تەربىيەسى بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى 14 كىشىنىڭ 5 نەپىرى ئۇيغۇر، بىر نەپىرى شىبە ئىكەن.