خىتاي قىرغىزىستاندىن تۈركىيەدە توسۇۋېلىنغان 98 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە ئۇچۇر تەلەپ قىلدى
خىتاي قىرغىزىستان دائىرىلىرىدىن ئۆتكەن ھەپتە ئۆمرىگە بېرىش سەپىرىدە ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنغان ۋە كېيىن قويۇپ بېرىلگەن 98 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەلەپ قىلغان.
-
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-05-24 -
-
-
خىتاي قىرغىزىستان دائىرىلىرىدىن ئۆتكەن ھەپتە ئۆمرىگە بېرىش سەپىرىدە ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنغان ۋە كېيىن قويۇپ بېرىلگەن 98 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەلەپ قىلغان.
رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرى ئاساسىدا بەرگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۈ خۇڭياڭ قىرغىزىستاننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىكىلەر بىلەن 98 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان.
ئىستانبۇلدىكى «ئىستىقلال» خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي باش ئەلچىسى يۈ خۇڭياڭ قىرغىزىستاننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىبراھىم يۇنۇسوفتىن پاسپورت ھايانكەشلىرى تەرىپىدىن ئالدانغان ۋە تۈركىيەدە توسۇۋېلىنغان 98 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، قىرغىزىستان باش ئەلچىسى ئىبراھىم يۈنۇسوف ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن بۇ ھەقتە كۆرۈشكەنلىكى، بۇ ھەقتە تۈركىيەدە جىنايى ئىشلار دەۋاسى ئېچىلغانلىقى، قولغا چۈشكەن ساختا پاسپورتلارنىڭ ئەدلىيە تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
17-ماي كۈنى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا ساختا قىرغىزىستان پاسپورتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يولغا سېلىنماقچى بولغان 98 نەپەر ئۇيغۇر تۇتۇپ قېلىنغان ۋە بۇ ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ساتقان تۆت گۇماندار قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. تۈنۈگۈن ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىدا بېرىلگەن خەۋەردە يەنە، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ بۇ 98 نەپەر ئۇيغۇرغا تارقىتىپ بېرىلگەن پاسپورتنىڭ تەقلىدىي پاسپورت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.