ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 2 ئەمەلدارى توختىتىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى
2016.03.18
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر بازار قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى، قوشۇمچە مۇئاۋىن نازىرى لى جيەنشىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلمەكتىكەن.
خەۋەرلەردە يەنە، خىتاي نېفىت غەربىي رايون تۇرۇبا شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، پارتكوم ئەزاسى لى ئىسمائىلنىڭ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، ئۇمۇ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ئەمما خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش دائىرىلىرىنىڭ باياناتىدا، ئۇ ئىككىيلەننىڭ كونكرېت قانداق ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
خىتايدا} ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىككە چېتىشلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ قېتىم تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان لى جيەنشىن ئەسلى گەنسۇلۇق بولۇپ، 1970-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى كورلا شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، 2014-يىلى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
ئىلى ئىسمائىل بولسا 1978-يىلى خىزمەتكە كىرگەن. ئۇزۇن مەزگىل نېفىت ساھەسىدە ئىشلىگەن ئىلى ئىسمائىل 2015-يىلى 7-ئايدا ھازىرقى ۋەزىپىسىگە قويۇلغان ئىدى.









