خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا تويلىشىشىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2019.04.24

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەر ئارا تويلىشىش تەشەببۇسىنى بازارغا سېلىپ، خىتاي ئەرلەرنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن نىكاھلىنىشىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.

ئالدىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا تويلىشىش ھەققىدىكى بىر تەشۋىقات سىن فىلىمى تارقالغان ئىدى. مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەزەلدىن مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشاپ كەلگەن بىر جاي ئىكەنلىكى، نۇرغۇن گۈزەل ھەم لاياقەتلىك ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆزىنى «ساراڭلارچە» ياخشى كۆرىدىغان خىتاي ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىنغان.

سىن كۆرۈنۈشتە يەنە رايوندا ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئۆز-ئارا تويلاشسا بولمايدىغانلىق ھەققىدە ھېچقانداق بىر چەكلىمىنىڭ يوقلۇقى، كۆپلىگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر سىن كۆرۈنۈش تارقالغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان. ئاۋسترالىيە لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جەيمىس لېيبولد ئىنكاس بىلدۈرۈپ، دۇنيادىكى باشقا جايلارغا قارىغاندا ئۇيغۇر رايونىدا ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارا تويلىشىشنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر ھەم كەم ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا سولانغان مىليونلىغان تۇتقۇنلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلار بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نوپۇس جەھەتتىن تىزگىنلىشى ۋە ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇشتىكى بىر تاكتىكىسى دەپ ھېسابلىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.