«ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ خىتاي بىلەن توي قىلىدىغان 100 ئۇيغۇر كېلىن» ئېلانى زور ئىنكاس قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق قىلىشنى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

يېقىندا خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە ۋىدىيولۇق ئېلاندا خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلىشىدىغان 100 نەپەر ئۇيغۇر قىزىغا ئېھتىياج بارلىقى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىنغان.

مەلۇم بىر خىتاي ئەر بىلەن ئۇيغۇر قىزنىڭ توي مەرىكىسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى بىلەن تەييارلانغان بۇ ئېلاندا «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ بەرگىنىگە رەھمەت. ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزولارنىڭ توي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 100 نەپەر كېلىنچەككە جىددىي ئېھتىياج بار،» دېيىلگەن.

بۇ ئېلاندا يەنە قىزىققۇچىلارنىڭ دەرھال ئالاقە قىلىشى، ئاچا-سىڭىل ۋە دوستلىرىغا بۇ ئېلاننى دەرھال يەتكۈزۈپ قويۇشى تەۋسىيە قىلىنغان ھەمدە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى قويۇپ قويۇلغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ تېلېفون نومۇرىنىڭ قەشقەرگە ئائىت نومۇرلۇقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تويلىشىشى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ھەم شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي ئەرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ماكانلىشىشقا ۋە بۇ يەردە ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى بىلەن ئۆيلىنىشكە چاقىرىدىغان تەشۋىقاتلار كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيگەن ئىدى. بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېر تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ئاساس قىلغان مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا تۇتۇلۇشى بىلەن ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىردەك دىققىتىنى قوزغىغان.

ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ دەررىن بايلىر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلاۋاتقان سىياسەت ۋە جەمئىيەت ئامىللىرىنى ئانالىز قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نىشان ئالغان جىنسىيەت سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە، تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئاياللىرى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ جىنسىي نىشانىغا ئايلاندى،» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئاشكارا بولغان بۇ ئېلان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.