ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خورلاۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرىسىدا كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.05.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكادىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ھۆكۈمەتنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى خورلىشىغا قارشى ئېمبارگو قويمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەن.

بۇ سوئال پومپېئو يەكشەنبە كۈنى CBS تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «مىللەت بىلەن يۈزلىشىش» ناملىق مەخسۇس پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پومپېئو، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋە باشقىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆپ قېتىملىق سۆھبەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ كۈنتەرتىپىدە جازالاش پىلانى بار-يوقلۇقىغا جاۋاب بەرمىگەن. ئۇ يەنە رىياسەتچى مارگېرېت برەنەننىڭ «نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۇتقۇنلارنىڭ سانى ۋە لاگېرلارنى پەرقلىق تەرىپلەيدۇ»، دېگەن سوئالىغا بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ بارلىقىنى رەت قىلغان. ئۇ «بىر مىليوندەك كىشىنىڭ قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ «چېكىدىن ئاشقان بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەر خىل تېرمىنلار بىلەن ئىپادىلەپ، ئۇنى قايتا-قايتا ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

مايك پومپېئو CBS تېلېۋىزىيەسىدە بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن ئىككى كۈن ئاۋۋال ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى رەندى شرايۋېر، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ «جازا لاگېرلىرى» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مايك پومپېئو يۇقىرىقى سۆزلەرنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىجرا قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويۇشتا كېچىكىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە قىلغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندىكى بىر سودا تەشكىلاتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە خىتاينىڭ لاگېرلىرىنى تەنقىدلەپ، بۇ لاگېرلارنىڭ «1930‏-يىللارنى ئەسلىتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت