پرېزىدېنت ترامپ پاكىستاننى «ساختىپەزلىك» بىلەن ئەيىبلىدى
2018.01.01
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالدىنقى كۈنى تۋىتتېردا ئېلان قىلغان تۇنجى يېڭى يىللىق باياناتىدا، پاكىستاننى «يالغانچىلىق»، «ساختىپەزلىك» بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇ، پاكىستان ئامېرىكىنىڭ نەچچە مىليارد دوللار ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تېررورلۇققا يانتاياق بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ب ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ يېڭى يىللىق تۇنجى تۋىتتېر ئۇچۇرىدا پاكىستاننى ئەيىپلىشى دىققەت قوزغىغان. پرېزىدېنت ترامپ باياناتىدا: «ئامېرىكا ئۆتكەن 15 يىلدا پاكىستانغا ھاماقەتلەرچە 33 مىليارد دوللار ياردەم بەردى. لېكىن ئۇ بىزگە يالغانچىلىق، ساختىپەزلىكتىن باشقا ھېچنېمە قىلىپ بەرمىدى. ئۇلار بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزنى ئەخمەق قىلدى،» دېگەن. پرېزىدېنت ترامپ يەنە پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا يانتاياق بولۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ تېررورچىلارنى ماكان بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ قولغا چىققۇدەك ھېچقانداق ياردەم قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
لېكىن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاۋاجا ئاسېف پرېزىدېنت ترامپنىڭ سۆزىگە پات ئارىدا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا «بىز پرېزىدېنت ترامپنىڭ تۋىتتېردىكى سۆزىگە ئىنشائاللا، پات ئارىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، دۇنياغا ھەقىقەتنى، پاكىت بىلەن فانتازىيە ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئاشكارىلايمىز» دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن بۇ پرېزىدېنت ترامپنىڭ پاكىستاننى تۇنجى قېتىم تېررورچىلارغا يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىپلىشى ئەمەسكەن. ئۇ 2017-يىلى 8-ئايدا قىلغان بىر قېتىملىق سۆزىدە «بىز پاكىستانغا مىلياردلاپ دوللار ياردەم قىلىۋاتىمىز، بىراق ئۇ بىز ئۇرۇش قىلىۋاتقان تېررورچىلارنى ماكان بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ،» دېگەن.
پاكىستان ئۆزىنىڭ تېررورلۇققا قارشى زور بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى، خىتاي بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە قارشى ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق ئۇ «جائىشى مۇھەممەت» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پاكىستاننى بازا قىلغان بەزى رادىكال تەشكىلاتلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ ئېلىپ كەلدى. پاكىستان 2017-يىلى خىتاينىڭ ياردىمىدە 2 قېتىم «جائىشى مۇھەممەت» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى مەسئۇد ئەزھەرنىڭ ب د ت نىڭ تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنى توسۇپ قالغان ئىدى.