خوڭكوڭدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان دېموكراتىيە نامايىشى ۋە ئۇنىڭ قانداق نەتىجىلىنىدىغانلىقى پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 14-ئاۋغۇست كۈنى كەچتە تۋىتتېردا خوڭكوڭ مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ «مەن خىتاي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىنسانىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،» دېگەن.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچىلار ئارقىلىق نامايىشچى ئاممىغا زوراۋانلىق قىلىشى دۇنيادىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.
يەنە بىر ياقتىن، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ خوڭكوڭ-ماكاۋ ئىشخانىسى 12-ئاۋغۇست كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، نامايىشچىلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ «ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرۈش» كە ۋە «تېررورلۇقنىڭ باش كۆتۈرۈش» كە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كۆزەتكۈچىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرماقچىمۇ، دېگەن ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بولسا 15-ئاۋغۇست كۈنى تۋىتتېردا يەنە سۆز قىلىپ، «شى جىنپىڭ ئەگەر خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلار بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشكەن تەقدىردە خوڭكوڭ مەسىلىسى ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ئاياغلاشقان بولاتتى» دېدى.
لېكىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرى بېرىپ خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنى ھەربىيچە ئۇسلۇبتا باستۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېھتىمالغا يېقىن، دەپ قارىماقتىكەن.