پرېزىدېنت ترامپ: «بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز قان، تەر ۋە ئامېرىكا قەھرىمانلىرىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن»

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد تراپ 4‏-ئىيۇل ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنىدە تەبرىك سۆزى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىلىقلارنى ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ قان-تەر ۋە قەھرىمانلارنىڭ بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

ئامېرىكا خەلقى 4‏-ئىيۇل كۈنى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 242 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق بايرىمىنى «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن كۈتۈۋالدى. ۋىرجىنىيە شتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 4 كۈنلۈك مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 4‏-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.

پرېزىدېنت ترامپ تەبرىك سۆزىدە ئۆزى ۋە ئايالى مىلەنىيا ترامپنىڭ 4‏-ئىيۇل مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەشتەك بىر شەرەپكە نائىل بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇنىڭدىن 242 يىل ئاۋۋالقى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا خەلقىنىڭ 56 نەپەر جەسۇر ۋەكىلى بىزنىڭ مۇستەقىللىق خىتاپنامىسىنى ماقۇللاپ، دۇنياغا ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئىستەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى،» دەپ كۆرسەتتى. 1776‏-يىلى دەل 4‏-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى 13 مۇستەملىكە رايونىنىڭ ۋەكىللىرى فىلادېلفىيە شەھىرىدە يىغىن چاقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خىتاپنامىسىنى ماقۇللىغان.

پرېزىدېنت ترامپ تەبرىك سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «گېنېرال ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ جەسۇر ۋەتەنپەرۋەر ئارمىيەسى بىرىتانىيە بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان كەسكىن ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈردى. دوستلىرىمىز ۋە ئائىلىمىز بىلەن 4‏-ئىيۇل مۇستەقىللىق بايرىمىنى تەبرىكلىگەندە بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنىڭ قان-تەر ۋە ئامېرىكا قەھرىمانلىرىنىڭ بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.»

بۈگۈن يەنە پايتەخت ۋاشىنگتون شەھىرىدە بەزى مەنىلىك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى.