ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىندۈرۈپ چىقىش توغرىسىدىكى مەمۇرىي بۇيرۇقنى ئىمزالىغان.
ئۇ 4-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاقسارايدا قىلغان سۆزىدە، «مەن ئىزچىل ھالدا ب د ت نىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىغا ئىشىنەتتىم، بىراق ھازىر ئۇنىڭ ئۇنداق يوشۇرۇن كۈچى قالمىدى» دېگەن.
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىرىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە، يەنى 2018-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ «ئىسرائىلىيەگە قارشى پوزىتسىيەسىنىڭ بىر تەرەپلىمە» ئىكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، بۇ كېڭەشتىن چېكىنگەن. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن. ئۇلار ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلىرىنى دەپ، بۇ ئورگاندىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ خىتايغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەرنى خۇشال قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى يەنىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
2021-يىلى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئاقسارايغا كىرىشى بىلەن ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتىدىن ئەزا بولۇپ كىرگەن ئىدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 47 ئەزا دۆلەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ 2025-يىللىق ئەزالىرى تىزىملىكىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېغىر بولغان دۆلەتلەر، ھەتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىق ئېھتىمالى بولغان» خىتايمۇ داۋاملىق ئورۇن ئالغان.
