پرېزىدېنت ترامپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە «ئىشنىڭ ھەقىقىتىگە قاراپ ھەرىكەت قوللىنىمىز» دېدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-09-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسىگە قارىتا ئىشنىڭ ھەقىقىتىگە قاراپ ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت ترامپ بۇ سۆزلەرنى 18-سېنتەبىر يەنى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئاقساراينىڭ ئاخبارات يىغىنىدا بىر مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇللار ئەمگىكىنى ئىشلىتىپ ئىشلەپچىقىرىلغان يەنە بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلارنى چەكلىگەنىدى.

ئاقساراينىڭ ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىر «سىزنىڭ ھۆكۈمىتىڭىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا قۇللار ئەمگىكىنى ئىشلەتكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈنلەي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىدى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى، ‹شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، بۇ پۈتۈنلەي يالغان› دەيدۇ. بۇنىڭغا سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز نېمە؟ ئىككىنچى، ئىتتىپاقداشلار بۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغانلىقى، ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى زورلاۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردىمۇ؟» دەپ سورىغان.

پرېزىدېنت ترامپ: «بىز بۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈشنى خالىمايمىز. بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى پوزىتسىيەمىز ئىنتايىن قاتتىق. بىز كەلگۈسى 2-3 كۈن ئىچىدە دوكلات تاپشۇرۇۋېلىپ، بۇ مەسىلىنىڭ باش-ئاخىرىغا قارىتا ئىنتايىن توغرا مەلۇماتقا ئېرىشىمىز. ئاندىن ئۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىمىز» دېگەن. بۇ پرېزىدېنت ترامپنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالغا 2-قېتىم جاۋاب بېرىشىدۇر. ئۇ ئىلگىرى: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ماقۇللانغاندا بىر قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەنىدى. ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەدبىرلەرنىڭ قانۇنى ئانالىزى ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت