ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئەمدى خىتايدىن ئايرىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.08.26

«يېڭى تاڭ دەۋرى» تاراتقۇسىنىڭ 23-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى فوكس تېلىۋىزىيىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەمدى خىتايدىن ئايرىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇخبىرغا: «بىز خىتاي بىلەن سودا قىلمىساقمۇ بولۇۋېرىدۇ» دېگەن، ئاندىن خىتايدىن ئايرىلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق سورالغاندا، «ئەگەر ئۇلار بىزگە توغرا مۇئامىلە قىلمىسا چوقۇم شۇنداق قىلىمىز» دېگەن.

بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستىۋېن مىنۇچىن ئەگەر خىتاي ئامېرىكانىڭ شىركەتلىرىنى خىتايدا ئەركىن رىقابەتلىشىشكە يول قويمىسا، ئامېرىكانىڭ خىتاي ئىقتىسادىدىن چوقۇم ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. يۇقۇملۇق كېسەل ۋەزىيىتى ئامېرىكانىڭ سەھىيە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا خىتاي كارخانىلىرىغا بېقىنىپ قالغانلىقىدەك كرىزىسنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بۇ بۇيۇملارنى ئۆزىدە ئىشلەپچىقىرىشقا باشلغان.

ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنى كونترول قىلىشتىكى ئېغىر خاتالىقىنى، خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرۇشىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەن، بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللانغان ھەمدە بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىنى چەكلىگەنىدى. پرېزىدېنت دونالد ترامپ بۇ يىل 5-ئايدا خىتاينى «ۋىرۇسنى يوشۇرۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يامرىشىغا سەۋەب بولدى» دەپ ئەيبلەپ، «ئامېرىكا خىتاي بىلەن بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزۈشى مۇمكىن» دېگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.