ئۈچ ئۇيغۇر ئەدىب تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى


خىتاي دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن خىتاي يازغۇچىلار جەمىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ 11 - قېتىملىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 24 پارچە ئەسەر ئىچىدە ئۈچ ئۇيغۇر ئاپتورنىڭ ئەسىرىمۇ ئورۇن ئالغان.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رومان ئىجادىيىتى بويىچە خىتاي تىلىدا ئەدەبىي ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى غەيرەت ئاسىمنىڭ «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى» ناملىق رومانى تۇلپار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شېئىرىيەت بويىچە شائىر ئىلغارجان سادىقنىڭ ««بۇلۇت چېچىكى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى مۇكاپاتلانغان.

11 - نۆۋەتلىك تۇلپار مۇكاپاتىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە بويىچە تۈرىدە گۇلنار ئوبۇل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر تەرجىمان خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلغان سەيپىدىن ئەزىزنىڭ «سۇتۇق بۇغراخان» ناملىق رومانى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە گۈلنار ئوبۇلنىڭ بېيجىڭدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن مەزكۇر روماننى ئۇيغۇر تىلىدىن خىتاي تىلغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سەيپىدىن ئەزىزى خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن زور ھەسسە قوشقان ۋە ھايات ۋاقتىدا خىتاينىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان سىياسىي ئەرباب ۋە يازغۇچى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 1987 - يىلى نەشىر قىلىنغان تارىخى رومانى«سۇتۇق بۇغراخان»» پەقەت 20 نەچچە يىلدىن كېيىنلا خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىشقا ئېرىشكەن ھەم 2015 - يىلى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى خاتىرلەپ، مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ۋە ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە ھوججەتلىك فىلىمى تارقاتقان ئىدى. مانا بۇ قېتىم ئۇنىڭ رومانىڭ خىتايچە تەرجىمىسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى 1981 - يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىكەن. خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئەڭ ئالى مۇكاپات ئىكەن. ئىلگىرىكى قېتىملاردا بەزى تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن خالىدە ئىسرائىل، ئەختەم ئۆمەر، ياسىنجان سادىق ۋە باشقىلارمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىكەن.