خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلىپ پارتىيىنىڭ دىن سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىگەن
2016.07.21
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نىڭشيادىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەم شۇنداقلا پارتىيىنىڭ دىن سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىگەن.
شى جىنپىڭ 18-ئىيۇلدىن 20-ئىيۇلغىچە داۋام قىلغان زىيارىتى جەريانىدا نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۈەن شەھىرىدىكى مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلىپ، دىنىي زاتلار بىلەن كۆرۈشكەن. شى جىنپىڭ ئۇ يەردىكى ئامما بىلەن كۆرۈشكەندە سۆز قىلىپ «پارتىيىنىڭ دىن سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشنى، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشنى ۋە دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش» نى تەكىتلىگەن.
شى جىنپىڭنىڭ تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان بۇ مەخسۇس زىيارىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئاۋسترالىيە لا تروپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جەيمىس لېيبولد بۇ ھەقتە تىۋىتتېر تورىدا قىلغان سۆزىدە، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ھۆكۈمەتنىڭ تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ رادىكاللىشىش ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى.
خىتايدىكى تۇڭگانلار دىنىي ھوقۇقلىرىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىغاندا كۆپ ئەركىن ھالدا بەھرىمەن بولىدىغانلىقى، خىتايدا ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. بىراق، ئامېرىكىدىكى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور ما خەييۈن ئەپەندى بىزگە قىلغان سۆزىدە، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىنىڭ نىڭشيادىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.