ئۇيغۇرلار ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك فېستىۋالى» غا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دىققەت تارتقان
2023.10.16
15-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «تۈرك فېستىۋالى» ناملىق مەدەنىيەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلدى. ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىنىڭ ئاقساراي جايلاشقان پېنسىلۋانىيە كوچىسىدا بولۇپ ئۆتكەن مەزكۇر مەدەنىيەت كۆرىكىگە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار كۆرەكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دىققەت تارتتى.
15-ئۆكتەبىر ئەتىگەن 11دىن چۈشتىن كېيىن 6 غىچە داۋاملاشقان بۇ فېستىۋالغا نەچچە مىڭلىغان تاماشىبىن ۋە زىيارەتچى ئىشتىراك قىلغان. مەزكۇر پائالىيەتنى قوللىغۇچى ئورۇنلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، مەزكۇر فېسۋتىۋالدا مەخسۇس جاي قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك، چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆرگەزمە قىلغان، ئۇلار يەنە زىيارەتچىلەرگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن» دېگەن شوئار يېزىلغان مايكالارنى ساتقان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار زىيارەتچىلەرگە يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مىسلىسىز يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ چىققان. ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەن، شۇنداقلا زىيارەتچىلەرنى بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ياردەملەرنى ئايىماسلىققا چاقىرغان.
فېستىۋال جەريانىدا تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇرات ئۆزجان ئەپەندى ئالايىتەن ئۇيغۇر سۇپىسىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىغان. مەلۇم بولۇشىچە، فېستىۋال جەريانىدا يەنە ۋاشىنگتوندىكى «دولان رېستورانى» ئۇيغۇر تاماقلىرىنى بازارغا سېلىپ، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنىمۇ نامايان قىلغان.
بۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىم «تۈرك فېستىۋالى» غا قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۈرك مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئامېرىكاغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ فېستىۋال ھەر يىلى 10-ئايدا ۋاشىنگتوندىكى «ئامېرىكا تۈرك جەمئىيىتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.