تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسى بومباردىمانلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيە ترت رادىئوسى ۋە باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسى 28 - ئاۋغۇست كۈنى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى كۇرد قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنى بومباردىمان قىلىپ، 25 قوراللىق ئۇنسۇرنى ئۆلتۈرگەن.

تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرى باش قوماندانلىق شتابى سۈرىيە ئىچىدىكى پ ك ك تارمىقى ۋە پ ي د نىڭ قوراللىق گۇرۇپپىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ بىنالىرىدىن بەشنى ۋەيران قىلغان. تۈركىيە تەرەپ بۇ ھۇجۇمنى تۈركىيە قوشۇنلىرى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئالدىدا بىر تۈركىيە تانكىسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا راكېتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بىر تۈرك ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشى ۋە ئۈچ ئەسكەرنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. تۈركىيە ھەربىي تەرەپ ھۇجۇم قىلغان 3 ھۇجۇمچىنى تۇتقان.تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۇردلارنىڭ پ ي د تەشكىلاتى ۋە ئۇلارنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنى پ ك ك بىلەن ئوخشاش تېررورچى تەشكىلات دەپ قارايدۇ.

ھۇجۇملار جەريانىدا پ ي د نىڭ قولىدىكى بىر قانچە يېزا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئىكەن.

ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە ئارمىيىسى دائىشقا قارشى ھۇجۇملارنى باشلىغان ئىدى.

ئەمما، رۇسىيەنىڭ «نېۋسرۇ»تورى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا مەلۇم ساندا تىنچ پۇقرالارنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

پىكىرلەر (2)
Share

RFA

دىن Uyghur

ۋاقىت چىقىرىپ قىممەتلىك پىكىر بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت. خەۋەر ئاپتورى كۆپ ئويلىشىپ، ئۇنسۇر ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەن. ئۇنسۇر ئاتالغۇسى ۋەتەندە ئىلگىرى پەقەت سەلبىي مەنىدىلا ئىشلىتىلگەن. ئەمما، ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدە بۇ سۆز بىر قانچە نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، «مەلۇم ئىجتىماىي گۇرۇھ ۋەكىلى ، كىشى» مەنىلىرى بارلىقىمۇ كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، زىيالىي ئۇنسۇر. ئەكسىيەتچى ئۇنسۇر ۋە باشقىلار، بۇ سۆزنىڭ يەنە باشقا مەنىلىرىمۇ كونتېكىستتە كۆرۈلىدۇ. بىز بۇ يەردە ئىزاھلىق لۇغەتتىكى چۈشەندۈرۈشىگە تاياندۇق.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى


[بۇ پىكرىڭىز ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىشلىتىش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن تەھرىرلەندى]

Sep 01, 2016 02:23 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

كوردلارنى «قۇراللىق ئۇنسۇر »دەپ ئاتاش توغرىمۇ ؟ ئۇلار ئەركىلىنلىك ئۈچۈن ، ۋەتىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەرغۇ .....

Aug 28, 2016 11:25 PM

تولۇق بەت