ئىراقتىكى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ «دائىش» نىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەنلىكى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.01.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردۇغان 8 - يانۋار ئىستانبۇلدا بايانات بېرىپ، ئىراقتىكى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ دائىش قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىراققا ئەسكەر يۆتكەش قارارىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيەدىن چىدىغان «بۈگۈنكى زامان» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈرككە ئەسكەرلىرى ئۆزىنىڭ ئىراق نىنوۋا ئۆلكىسىگە جايلاشقان بەشىقە بازىسىغا ھۇجۇم قوزغاشقا ھازىرلىنىۋاتقان دائىش جىھادچىلىرىدىن 18 نى ئۆلتۈرۈلگەن.

ئەردۇغان ھۇجۇمدا تۈرك ئەسكەرلەردىن ئۆلۈش - يارىلىنىش ھادىسىلىرى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

رېيتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇم 6 - يانۋار يۈز بەرگەن. خەۋەردە تۈرك ئەسكەرلىرىگە ھەمدەم بولۇپ دائىش قوراللىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلغان سۈننى قىسىملىرى كوماندىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى بىرلەشمە قوشۇن دائىش قوراللىق كۈچلىرى تۈركىيەنىڭ بەشىقەدىكى ھەربىي بازىسىغا 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا ھەربىي بازىغا راكېتا ھۇجۇمى قوزغاش ئۈچۈن كۈچ توپلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىغان.

ئەردۇغان مۇنداق دېگەن: «بۇ ۋەقە بەشىقەگە مۇناسىۋەتلىك توغرا قەدەم بېسىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى ئەسكەرلىرىمىز ئۇ يەردە بولغانىكەن، ئۇ يەردە ھەربىي تەلىم بېرىۋاتقان ئوفىتسېرلىرىمىز ھەرقانداق ھادىسىگە ھەر زامان تەييار تۇرالايدۇ.»

تۈركىيە ئۆتكەن يىلى 4 - دېكابىر ئىراقنىڭ بەشىقە ھەربىي بازىسىغا ئەسكەر كىرگۈزگەن.

ئەينى چاغدا بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن تۈركىيە «يېڭى شەپەق» گېزىتى تۈركىيەنىڭ ئىراققا 1200 ئەسكەر، 20 - 25 ئەتراپىدا تانكا كىرگۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. كېيىنكى خەۋەرلەردە تۈركىيە ئىراققا كىرگۈزگەن ئەسكەر سانىنىڭ 150 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن.

تۈركىيەنىڭ ئىراققا كىرگۈزگەن ئەسكەر سانى ئىختىلاپتىكى مەسىلەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ ئىراق تېررىتورىيەسىگە ئەسكەر كىرگۈزۈشى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.

كېيىن تۈركىيە بىر قىسىم ئەسكىلىرىنى بەشىقە بازىسىدىن يۆتكەپ كۇردىستان رايونىغا جايلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بەشىقەدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ كېتىشنى رەت قىلغان.

ئىراقنىڭ نىنوۋا ئۆلكىسىگە جايلاشقان بەشىقە بازىسى تۈركىيە چېگراسىغا 140 كىلومېتىر، دائىش ئالدىنقى سېپىگە نەچچە ئون كىلومېتىر كېلىدىكەن.

دائىش جىھادچىلىرى نىنوۋا ئۆلكىسىگە جايلاشقان ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان موسۇل شەھىرىنى 2014 - يىلى ئىيۇلدا تولۇق بېسىۋالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.