12-يانۋار يۈز بەرگەن ئىستانبۇل سۇلتان ئەھمەت مەيدانىدا 10 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 15 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارتلىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، 14-يانۋار كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇتئوغلۇ بايانات بېرىپ، ئۆتكەن 48 سائەت ئىچىدە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيە چېگراسى ئىچىدىكى «دائېش ئىسلام دۆلىتى» ئىگىلىۋالغان جايلاردا قايتۇرما ئەربە بېرىپ، 200 نەپەر مىللىتاننى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيە تاراتقۇلىرىدا، 12-يانۋار ئىستانبۇلدىكى مەشھۇر ساياھەت مەركەزلىرىدىن سۇلتان ئەھمەت مەسچىتى مەيدانىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەن 10 كىشىنىڭ ئىچىدە 9 نەپەر گېرمانىيەلىك ساياھەتچىنىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىنغان . ۋەقەدىن كىيىن پارتلىتىشنى پىلانلىغۇچىنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا ئەزا بىر سۈرىيەلىك ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنىپ، ئىستانبۇل پارتلىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ پارتلىتىشقا چېتىشلىقى بار گۇماندارلاردىن 69 كىشىنى قولغا ئالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
