تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردار كىلىچ ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا مەكتۇپ يېزىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە دائىر تەنقىدلەر پۈتۈنلەي ئويدۇرما بولۇش بىلەن بىرگە، ئەمەلىيەتكىمۇ ياتمايدىكەن. باش ئەلچى سەردار كىلىچنىڭ مەكتۇپى 2017-يىلى ئىمزالانغان تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئەندىشە پەيدا قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇنازىرە قوزغىغان مەزگىلدە يېزىلغان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى جىم رىش تىۋېتتىردا پىكىر يېزىپ، «خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىغا ياردەملىشىشى نومۇسسىزلىق» دەپ ئەيىبلىگەنىدى. لېكىن باش ئەلچى سەردار كىلىچ مەكتۇپىدا، «تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئۆتمۈشى، ئۇنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى پرىنسىپال مەيدانىغا دەلىل» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ، خىتايدىكى يۇرت-ماكانلىرىدىن قېچىش مەجبۇرىيىتىدە قالغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىغا دائىر بايانلارنى سۇ كىرمەيدىغان دەرىجىدە چىرىتمەكتە» دېگەن. ئۇنىڭ تەتكىلىشىچە، «تۈركىيە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈپ ئىنسان ھەقلىرىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى، بۇ ھەقلەرگە ھۆرمەت قىلىنىشى، مەدەنىيەت كىملىكلىرىنىڭ قوغدىلىشىغا قارىتا ئۈزۈل-كېسىل بىر ئۈمىدتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە» ئىكەن.

بۇ مەسىلىدىكى تالاش-تارتىشنى ئامېرىكادىكى «ئوكسىئوس» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرى قوزغىغان. «ئوكسىئوس»، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 2016-يىلى ئەنۋەر تۇردى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يوللىغان بىر دىپلوماتىك ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان. خەۋەردە ئەنۋەر تۇردىنىڭ تۈركىيەدىكى بىر كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللارغا قەدەر بىرەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 2019-يىلى 6-ئايدا 3 نەپەر ئۇيغۇر ئايالنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىنى كۈچەيتكەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت