گرېتسىيە 8 قاچقۇن ئوفىتسېرنى چېگرانى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىدى
2016.07.17
گرېتسىيە تەرەپ ئەنقەرەدىكى سىياسى ئۆزگىرىش يۈزبەرگەندىن كېيىن، شەنبە كۈنى ئەتىگەندە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن گرېتسىيەگە قېچىپ كەلگەن 8 نەپەر ئوفىتسېر ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئۇچۇر تارقاتتى. گرېتسىيە تەرەپ مەزكۇر 8 نەپەر ئوفىتسېرنى چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قېچىپ كەلگەن تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ 8 نەپەر ئوفىتسېرى سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى گرېتسىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر 8 كىشىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشمىغانلىقى، ئۇلار پەقەت تۈركىيە ساقچىلىرى ئۇلارغا قارشى ئوق چىقارغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرەپ قېچىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر سەككىز نەپەر ئوفىتسېرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر 8 نەپەر ئوفىتسېرنىڭ سىياسى ئۆزگىرىشتىكى مۇھىم كىشىلەر بولۇش ئېھتىماللىقى پەرەز قىلىنغان.
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ھازىرغىچە سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 6000 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئاختۇرۇش، تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. 15 - ئىيۇل كۈنى كېچىدە يۈزبەرگەن ۋەقەدە 265 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولدى.









