تۈركىيە ئارمىيىسى كۇرد قوراللىقلىرىنى بومباردىمان قىلدى
2016.02.14
شەنبە كۈنى تۈركىيە ئارمىيىسى سۈرىيىدىكى كۇرد قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارنى بومباردىمان قىلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان يەرلەردىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر بومباردىمان باشلىنىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرىلا ئەخمەت داۋۇتوغلۇ ئەنقەرەنىڭ ئۆز چېگراسىغا سۈرىيە تەرەپتىن تەھدىت كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا زۆرۈر ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. بومباردىمان پيد، يەنى كۇرد دېموكراتىك ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان، ئەمما، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن كۇرد قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن جايغا قارىتىلغان.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشوغلۇ تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىرلىكتە سۈرىيىگە قۇرۇقلۇقتىن ئەسكەر ئەۋەتىپ، دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.









