تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردۇغان تۈركىيىدىكى پارتلاش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.07.21


دۈشەنبە كۈنى تۈركىيىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان ۋەقەنى ئەيىبلىگەن. ئەنگىلىيە ب ب ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - ئىيۇلدىكى «تۈركىيىدە پارتلاش يۈز بەردى، پرېزىدېنت چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلدى» سەرلەۋھەلىك ماقالىسىدە، «تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردۇغان ۋەقەنى ئەيىبلەپ، بۇ، تېررورلۇق ھۇجۇمى دېدى ۋە تۈركىيىنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، پارتلاش ۋەقەسى تۈركىيىنىڭ سۈرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان شانلىئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ سۇرۇچ ناھىيەسىدىكى بىر باغچىدا 20 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 11 دىن ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. پارتلاشتا 32 ئادەم ئۆلۈپ، 104 ئادەم يارىلانغان.

تۈركىيە ت ر ت ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پارتلاش بىرئايال ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە شۇ كۈنى پارتلاش يۈز بەرگەن باغچىدا، 300دەك ئاممىۋى تەشكىلات ئەزاسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، پارتلاشتا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار ئىكەن. ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - ئىيۇل ۋەقە ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە، تۈركىيە ئىستىغبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئاخباراتىنى ئاساس قىلىپ، ئايال ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ سۈرىيەدە قۇرۇلغان شام ئىسلام دۆلىتىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇلتۇر 9 - ئايدىن باشلاپ ئىسلام دۆلىتى قوراللىق قىسىملىرى بىلەن كۇرت قوراللىق قىسىملىرى سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى كۇبانىدا توقۇنۇشقاندىن كېيىن، كۆپلىگەن مۇساپىرلار تۈركىيە چېگرىسى ئىچىگە پاناھلىق تىلەپ كىرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.