تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە تۇنجى ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.02.04

قەيسەرى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، بىر مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا بىر ۋىلايەت. قەيسەرى يەنە ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى خېلى بۇرۇن ۋە نىسبەتەن كۆپ ساندا يەرلەشكەن بىر ئورۇن.

قەيسەرىگە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىلىق سىياسىي پاناھلىق يولى بىلەن 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يېڭىدىن يەرلەشكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋەردە يېزىلىشى ۋە كۆرسىتىلىشىچە، رېستوران قەيسەرىگە نىسبەتەن ئۆزگىچە يېمەكلىرى بىلەن يەرلىك تۈركلەرنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغىغان.

خىتاي-تۈركىيە ۋە تايلاند ئارىسىدا ئۇزۇن داۋام قىلغان دىپلوماتىك قول تىقىشلار ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قەيسەرىگە يەرلەشكەندىن كېيىن، قەيسەرىيدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان؛ شۇڭا بۇ رېستوراننىڭ ئېچىلىشىنى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار قىزغىن ئىنكاسلىرى بىلەن تەبرىكلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.