تۈركىيە ب د ت نىڭ سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا چېگراسىنى ئېچىشقا قىستىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇتئوغلۇ ب د ت ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەنى سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا چېگراسىنى ئېچىشقا قىستىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئۆتكەن ھەپتە سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن ئالېپپو ئۆلكىسىدىكى بىر نەچچە رايون ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، مەزكۇر رايونلاردىن قاچقان كىشىلەر تۈركىيە چېگراسىغا تۈركۈملەپ توپلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ياردەمنىڭ سۈرىيە چېگراسى ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ب د ت كۆچمەنلەر ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ يېڭى تۈركۈم مۇساپىرلارغا چېگراسىنى ئېچىشقا چاقىرغان ئىدى.

10 - فېۋرال، گاگا شەھىرىدە گوللاندىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشكەن تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ رۇس بومباردىمانىنى توختىتىپ، سۈرىيە كرىزىسىنى ئاياغلاشتۇرالمىغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈركىيەنى ئۆز چېگراسىنى ئېچىشقا مەجبۇرلىشىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» دەپ ئەيىبلىدى.

ئۆتكەن ھەپتە سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى رۇسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمىدە ئالېپپو ئۆلكىسىگە قاراشلىق راتيان ۋە زاھرا رايونلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەردىن تارتىۋالغان. شۇندىن كېيىن مەزكۇر رايوندىن مىڭلىغان كىشى ئۆي - ماكانلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا باشلىغان ۋە تۈركىيە چېگراسىغا توپلانغان ئىدى.

تۈركىيە «بۈگۈنكى زامان» گېزىتى نىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان تۈركىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە سۈرىيە چېگراسى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان لاگېرلاردىكى77 مىڭ مۇساپىرغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سۈرىيەدە 4 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش 250 مىڭىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە نەچچە مىليون ئادەمنىڭ مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.

تۈركىيە 2.6 مىليون سۈرىيەلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 مىليون مۇساپىرىنى ئۆز قوينىغا ئالغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت