تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتتە تۇرىۋاتقان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا تۈركىيە پۇقرالىقى سالاھىيىتى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيىنىڭ«تېلېگراف»ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇ سۆزىنى تۈركىيە - سۈرىيە چېگرىسىدىكى كىلىس شەھىرىدە زىيارەت قىلغاندا ئىفتار ۋاقتىدا ئېيتقان بولۇپ، ئۇ: «بۈگۈن مېنىڭ بۇ يەردە تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى خەۋىرىم بار. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىقىنى ئېلىشنى خالايدىغانلار بار، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز بۇ جەھەتتە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، تۈركىيە سىلەرنىڭمۇ ئۆيۈڭلار»دېگەن.
ھازىر تۈركىيەدە تەخمىنەن 2 مىليون 700 مىڭ ئەتراپىدا سۈرىيىلىك مۇساپىر بارلىقى ئېيتىلىۋاتقان بولۇپ، گەرچە ئەردوغان سۈرىيىلىك مۇساپىرلارغا پۇقرالىق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، ئەمما، سۈرىيىلىك مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پۇقرالىق سالاھىتىگە ئىگە بولالايدىغانلىقىنى كۆرسەتمىگەن.
ھازىرچە سۈرىيىلىك مۇساپىرلارنىڭ قانداق شەرت ۋە ئۆلچەملەر ئاستىدا تۈركىيە پۇقرالىرىغا ئىلتىماس قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
تۈركىيە دائىرىلىرى ئارىلىقتا پۇقرالىق ئىلتىماس تەپسىلات لىرى ۋە باشقا بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ھازىرغىچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى زور ساندىكى سۈرىيىلىك مۇساپىرغا تۈركىيىدە تۇرۇش، ئىشلەش رۇخسىتى ۋە باشقا پارۋانلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىتى بەرگەن ئىدى.