تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇتئوغلۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.05.05

تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان بىلەن بولغان ئىختىلاپى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. داۋۇتئوغلۇ چارشەنبە كۈنى ئەردوغان بىلەن بىر يېرىم سائەتتىن ئارتۇقراق كۆرۈشكەندىن كېيىن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئا ك پ نىڭ رەئىسلىكى ۋە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە «ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، داۋۇتئوغلۇ بىلەن ئەردوغان ئوتتۇرىسىدا پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە كۆچۈش ياكى پارلامېنت تۈزۈمىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ يۈز بەرگەن.

جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پرېزىدېنتلىق تۈزۈمگە كۆچۈشىنى، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىشىنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. ئەمما «ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، داۋۇتئوغلۇ ئەردوغاننىڭ پىلانىغا قارشى چىققان.

داۋۇتئوغلۇ ئا ك پ نىڭ رەئىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەردوغاننىڭ پارتىيەدىكى كۈچلۈك تەسىرىگە تاقابىل تۇرالمىغان. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ، پەيشەنبە كۈنى پارتىيە مەركىزىدە ئا ك پ پارلامېنت ئەزالىرىغا، پارتىيە كادىرلىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ، 22‏-ماي كۈنى پارتىيە قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، يېڭى پارتىيە رەھبىرىنىڭ سايلىنىدىغانلىقىنى، قۇرۇلتايدا ئۆزىنى نامزاتلىققا قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «پىكىر ئورتاقلىقى بولمىغان يەردە پارتىيە رەئىسلىكىگە نامزات بولۇشنى ئويلىمايمەن» دېگەن.

ئەگەر تۈركىيە پرېزىدېنتلىق سىستېمىسىغا كۆچسە، بۇنىڭ ھازىرقى تۈركىيە دۆلەت سىستېمىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى دىققەت قوزغىغان مەسىلىگە ئايلاندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.