تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن 9 مىڭدەك ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان

ئۆتكەن جۈمە كەچقۇرۇن تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئارمىيە، ساقچى، سوت ۋە ھۆكۈمەت مەمۇرىي سىستېمىسىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بۈگۈن تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، ھەربىي ئۆزگىرىش جەريانىدا جەمئىي 232 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 145 نەپەر پۇقرا، 60 ساقچى ۋە 3 ئەسكەرنىڭ بارلىقىنى، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ھەربىي تەرەپتىن 24 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ھالبۇكى، تۈركىيە ھەربىي تەرەپ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان ھەربىيلەردىن 104 نەپىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم يەنە جۈمە كېچىدىن بۇيان ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ گۇمان قىلىنغان 6030 نەپەر ھەربىي ئوفىتسېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 7500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما غەرب تاراتقۇلىرى تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ 9 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.

تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بۇ قېتىملىق ھەربىي ئۆزگىرىشنى پىلانلىغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان ھەربىيلەرنىڭ «قاتتىق جازاغا تېگىشلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەب تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدە 2004-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ: «تۈركىيەنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇرۇنۇشى ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى تولۇق بەربات قىلىدۇ» دېگەن.