ئىستانبۇلنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى قەستكە ئۇچرىغان، تۈركىيەدىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق دۆلەت مەمۇرى قويۇۋېتىلگەن
2016.07.18
رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن يەنى 18-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جەمىل جانداش ئىستانبۇلنىڭ شىسلى رايونىدىكى ئىشخانىسىدا قەستكە ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىستانبۇلنىڭ شىسلى رايونى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ پائالىيەتلىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان رايونلاردىن ھېسابلىنىدىكەن.
تۈركىيە ن ت ۋ رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سالاھىيىتى نامەلۇم بىرى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جەمىل جانداشنىڭ شىسلىدىكى ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئوق چىقارغان. تۇيۇقسىز ئېتىلغان ئوق جەمىل ئەپەندىنىڭ باش قىسمىغا تەگكەن بولۇپ، ئۇ دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما ھاياتىنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقى ياكى ئۆلگەنلىكى مەلۇم ئەمەسكەن.
مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جەمىل جانداشنىڭ قەستكە ئۇچرىشىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كېچىدە تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار-يوقلۇقى تېخى ئېنىق ئەمەسكەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى گەرچە ھەربىي ئۆزگىرىشنى تىنچىتىپ، نورمال تەرتىپنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى داۋالغۇش ۋە جىددىيچىلىك يەنىلا داۋام قىلماقتىكەن. باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بۈگۈن تۈركىيەدىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق دۆلەت مەمۇرىنىڭ ئۆيلىرىدە دەم ئېلىشىنى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈشنى ئۇقتۇرغان ئىكەن.









