تۈركىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەربىي ئۆزگىرىشنى ئامېرىكىدا پاناھلىنىۋاتقان فەتھۇللاھ گۈلەن ئىسىملىك زاتنىڭ پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە «فەتھۇللاھ گۈلەن ھەرىكىتى» گە چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان مەكتەپ ۋە كۇرسلارنى، دوختۇرخانا ۋە تۈرلۈك ئاممىۋى قۇرۇلۇشلارنى ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇن ئاخبارات ئورگانلىرىنى پىچەتلىگەن ئىدى.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، تۈركىيەدە بۈگۈنگىچە تۇتقۇن قىلىنغان ئادەمنىڭ سانى 10 مىڭ، ئىشتىن توختىتىپ قويۇلغان دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 45 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.
تۈركىيە دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى يەنە، تېلېۋىزىيە، گېزىت ۋە باشقا ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بولۇپ، يۈزدىن ئوشۇق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى پىچەتلىدى. تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە مەغلۇپ قىلىنغانلىقى خەلقئارا تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەدىن كېيىن ئېلىنىۋاتقان يۇقىرىقىدەك تەدبىرلەر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا.
بۈگۈن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە ژۇرنالىستلارغا بېرىلىۋاتقان زەربىنى ئەيىبلىدى. ئۇلار باياناتىدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قارارلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى. ئۇلار باياناتىدا «ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشى ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق تەنقىدىي ئاۋازلار، مۇلاھىزە قىلغۇچىلار ۋە ژۇرنالىستلارغا قىلىنغان ھۇجۇمىنى ئاقلىيالمايدۇ» دېدى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئالغان تەدبىرلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە توشمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ھەرقانداق تەنقىدىي ئاۋازلارنى گۈلەن ھەرىكىتىگە چېتىپ تۇرۇپ يوقاتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
بۈگۈن يەنە، خەلقئارا ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىمۇ تۈركىيەنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىغا بەرگەن زەربىسىنى ئەيىبلىدى.
ئەمما تۈركىيە تەرەپ بولسا، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە يۇقىرىقىدەك ئورگانلارنىڭ يۇقىرىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلماقتا. بۈگۈن تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم يەنە، ئەگەر ئامېرىكا فەتھۇللاھ گۈلەننى تاپشۇرۇپ بەرمىگەن تەقدىردە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
