تۈركىيە دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدا چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيەنىڭ مەزكۇر مەيدانى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە زىيارىتىدىن بىر كۈن كېيىن مەيدانغا كەلدى.
بۇ سۆزلەرنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بەختكە قارىشى ياۋروپا ئىتتىپاقى بەزى ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنكى سىناقلاردىن ئۆتەلمىدى.»
چارشەنبە كۈنى ئۇ يەنە ئەنقەرەدە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشنى قوللاش مەيدانىنى تۇتۇپ، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ، بۇنى تەپسىلىي شەرھلىمىدى.
بۇ يىل 15-ئىيۇل تۈركىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بېرىپ، 240 تىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر نەچچە مىڭ ئادەم يارىلانغان ئىدى.
مەزكۇر ھەرىكەت مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلغان، خىزمىتىدىن ھەيدىگەن ساقچى، سوتچى، ئوقۇتقۇچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي سانى 60 مىڭدىن ئاشقان ئىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ بۇ خىل ئىنكاسىدىن ئەندىشلەنگەنلىكىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن.
28-ئىيۇل ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سوتچىلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ سوتچىلارنى باستۇرۇشى مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ ياۋروپاغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرى تۈركىيە 2015-يىلى نويابىر بىر رۇسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەندىن بۇيان يىرىكلەشكەن تۈرك-رۇس مۇناسىۋەتلىرى يۇمشىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن سانكىت پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە كۆرۈشكەن ۋە 9 ئايدىن بۇيان يىرىكلىك ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
