تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاي بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.01.30

تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمائىل ھاككى مۇسا ئۈرۈمچىدە ما شىڭرۇي بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دىن ۋە باشقا ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» 30-يانۋار كۈنى چىقارغان خەۋەرگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى ئىسمائىل ھەققى مۇسا باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى 30-يانۋار كۈنى ما شىڭرۇي بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە-خىتاي دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى تەرەپنىڭ سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، ما شىڭرۇي تۈركىيە تەرەپ بىلەن سودىنى ئاشۇرۇش، «ئۈچ خىل كۈچ» كە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈمىدىنى بىلدۈرگەن. تۈركىيە باش ئەلچىسى ئىسمائىل ھاككى مۇسا بولسا، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا جىددىي پوزىتسىيە بىلەن ئورتاق زەربە بېرىشنى، دىنىي ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دەپ قارىلاپ باستۇرۇشىغا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىق بىلدۈرمىگەنلىكى مەلۇم. گېرمانىيەدىكى «مېركاتور خىتاي تەتقىقات مەركىزى» ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىپ، تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتىنىڭ تارىختا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىگە چۈشۈپ قېلىشى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ مېڭىشى ئۇلارنى تەبىئىي يوسۇندا خىتايغا يېقىنلىشىشقا ئۈندىگەن.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە «ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش، سىياسىي ئامىللارنى سۆھبەتكە ئارىلاشتۇرماسلىق» نى تەكىتلەيدىكەن. خىتاي تەرەپمۇ تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رولىنى تونۇپ يەتكەچكە، تۈركىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.