خىتاي ئاخباراتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى «تېررورلۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللاندى» دەپ ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن مەزگىللەردە ئىزچىل كېڭىيىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇشى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا تۈركىيە ھۆكۈمىتى كەسكىنلىك بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»، «خەلق گېزىتى» قاتارلىقلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن رەددىيە ماقالىسى ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى ماقالىلەردە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ياردەم شەكلىنى ئالغان ئوقۇتۇش ئارقىلىق «قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ياكى يەڭگىل جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغانلىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنداقلا تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار دىيارىغا زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» بارلىققا كەلگەندىن بۇيان ئۆتكەن 25 ئاي ئىچىدە بۇ خىلدىكى زورلۇق ۋە تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى» نى «ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى قاتتىق سۆككەن.

ھالبۇكى، لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان كۆپلىگەن مەلۇماتلار ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى ئۇ جايدىكى قاباھەتنىڭ ئاللىقاچان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ بولغانلىقىنى، روھىي ۋە جىسمانىي قىيناق سەۋەبىدىن يۈز مىڭلىغان تۇتقۇنلارنىڭ ئۆلۈم گىردابىدا جان تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال ئىگىلەشلەر بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى «لاگېر تۇتقۇنلىرى» قىلىپ ياساندۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن زىيارەت ئۆمەكلىرىنى قانداق ئالدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق دۇنيانى سۈكۈتكە مەجبۇرلىماقچى بولۇۋاتقاندا تۈركىيەنىڭ بۇ خىل تەنقىدىدىن بەكمۇ بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلىشىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا خىتايغا قارشى پىكىر ئېقىمى ۋە نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبكار بولۇپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلماقتا،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت